ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر رەھبەرلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى فەن شياۋجەن 2015-يىلى، نامراتلىقنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازىيىدىغانلىقى، 2020-يىلىغا كەلگەندە ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، پۈتۈن خىتاي بويىچە نامراتلارنىڭ يۈز مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق مىللىي رايونلار خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات رايونلار ھېسابلىنىدىكەن. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ 70 %din كۆپرەكى جايلاشقان تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى قەشقەر، خوتەن، قىزىل سۇ ۋە ئاقسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ھەم بىر ئوبلاست خىتاي بويىچە ئەڭ نامراتلار جايلاشقان نۇقتىلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
بىراق، ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات دەپ قارىلىۋاتقان تارىم ۋادىسىنىڭ ھازىر خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم نېفىت بازىسى ۋە ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز بازىسى بولۇپ قالغانلىقى، غەربنىڭ نېفىتنى شەرققە يۆتكەش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق تارىم ۋادىسىدىكى نېفىت ھەم تەبىئىي گازلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئەڭ نامرات خەلققە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئەمەلدارى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە ئوبلاستنىڭ كەمبەغەل جايلار ئىكەنلىكى، دۆلەتنىڭ بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.