خەلقئارا تېبىركلوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆپكە تېبىركلوز كېسىلىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆپكە تىبىركلوز كېسىلىنىڭ يامرىشى ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، ھەرىكەتچان ھالەتتىكى ئۆپكە تېبىركلوز كېسىلى يۇقۇمدارلىرى 800 مىڭ بولۇپ، ھەر يىلى يۇقۇملىنىدىغانلار 280 نەپەر، بۇ كېسەل بىلەن ئۆلىدىغانلار بولسا 8000 غا يەتكەن، بۇ كېسەلنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا 4 ھەسسىسىگە يېقىن كۆپ ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان، بايلىقى خىتاي بايلىقىنىڭ 40% گە يېتىدىغان ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ نامراتلىقى قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇر رايونىدا خەلقئارا جەمئىيەتتە " نامراتلىق كېسىلى" دەپ قارالغان ئۆپكە تېبىركلوزىغا ئوخشاش كېسەللەرنىڭ كۆپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
