ئۆتكەن ھەپتە مەلۇم پېداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتۇش باشقارمىسى، شۇ مەكتەپتىكى ئەسلىدە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ئەدەبىيات ھەم ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئون نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ مەۋسۇم، دەرسى يوق بولغىنى ئۈچۈن، شۇ مەكتەپتىكى يۈگۈر يېتىم ئىشلارنى قىلىشقا بەلگىلەنگەنلىكىنى، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىغانلارنىڭ تولۇقلىما مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە بىرلەشمە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇشقا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، مەكتەپ دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىپى ئورۇنلانمىسا، ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەرز قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار ئۆز پىكىرلىرىدە يەنە، نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى چېكىندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، دائىرىلەردىن بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشنى تەلەپ قىلغان.
نەتىجىدە، مەكتەپ دائىرىلىرى يېقىندا بۇ مەۋسۇم دەرسى يوق ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ «ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى» نامىدىكى بىر ئىشخانا تەسىس قىلىپ،ئۇلارغا بۇ مەۋسۇملۇق خىزمەت نورمىسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.