30-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئالدىنقى شەرت قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ھەم ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيىسىدىن يۇقىرىلار ئىچىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىن ئوقۇتقۇچىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسى بويىچە، چوقۇم خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ 3-4-5-دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يېتىشى شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.
رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان تەجرىبىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ «خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى» دېگەن باھانىدە، پېنسىيە يېشى توشماستىنلا مۇددەتتىن بۇرۇن خىزمەتتىن بوشىتىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە نۆۋەتتە خىزمىتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدىغان خىتايلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىلا ئەمەس بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ھەم جەمىيەتنىڭمۇ نارازىلىقى بارغانچە كۈچەيتمەكتە ئىكەن.