ئۆركەشنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇرۇنۇشى يەنە جاۋابسىز قالدۇرۇلدى

89 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئۆركەش دۆلەتنىڭ ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇرۇنۇشى جاۋابسىز قالدۇرۇلدى.


ئۆركەش دۆلەت جۈمە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تەسلىم بولۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان. ئەمما شۇ چاغدا خىتاي ئەلچىخانىسى ھىم تاقالغان بولۇپ، ئەلچىخانا خادىملىرى ئۇنىڭ ئۇرغان تېلېفونلىرى ۋە ئىشىك چېكىشلىرىگە جاۋاب بەرمىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، ئۆركەش مۇنداق دېدى: بەلكىم مەن خىتاي تۇپرىقىغا شۇنچىلىك يېقىنلىشالايدىغان ئوخشايمەن. ئۆيگە قايتىشنى خالىسام يەنە نېمىلەرنى قېلىشىم كېرەك؟ ھازىر بۇ خىزمەت ۋاقتىغۇ؟ تېلېفون قىلدىم، ئىشىكلەرنى چەكتىم، ئەمما ھېچكىم چىقمىدى.

ئۆركەشنى قوللاپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارغان خىتاي پائالىيەتچى ياڭ جەنلى : خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشنى قىلماقتا، دېدى.

1989 - يىلى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش قىلىپ، خىتايدىن تۈزۈم ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغان.

كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۆركەش دۆلەت قاتارلىق بىر نەچچە كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. ئۆركەش دۆلەت 2010 - يىلى 4 - ئىيۇن خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان ئىدى.