ئۆركەش دۆلەت بىلەن ۋاڭ دەن دېموكراتچى ئۇستازىنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قېتىلىش ئۈچۈن خىتايغا ۋىزا ئىلتىماسى سۇندى

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك پارتىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە 1989 ‏-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى سى تۇڭخۇا ئالدىنقى كۈنى ۋاپات بولغان.

زور بىر تۈركۈم خىتاي دېموكراتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇستاز دەپ تونۇلۇپ كەلگەن سى تۇڭخۇانىڭ ئۆلۈمى ئەينى يىللاردا ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۆركەش دۆلەت ۋە ۋاڭ دەن قاتارلىق دېموكراتىيە ئاكتىپلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغان.

سى تۇڭخۇا، 1989 ‏-يىلى 4 ‏-ئىيۇن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچى پائالىيەتچىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە چەتئەلگە قاچۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە يېقىنغا قەدەر تيەنئەنمېندە ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھەر يىلى 4 ‏-ئىيۇن شام يېقىپ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. ئۆركەش دۆلەت بىلەن ۋاڭ دەن بۈگۈن ئۇستازىنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قېتىلىش مەقسىتىدە، خىتايغا ۋىزا ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان.

ۋاڭ دەن ئۆز توربېتىدە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتچىلىك نۇقتىسىدىن بولسىمۇ، ئۆزلىرىگە ۋىزا بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆركەش دۆلەت ۋە ياڭ جيەنلى قاتارلىق ئاكتىپلار، خىتايغا بېرىش ئۈچۈن خوڭكوڭ ئايرودرومىغا كەلگەندە چېگرادىن كىرگۈزۈلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ۋىزا ئىلتىماسىنى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتى ۋاسىتىسى بىلەن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە سۇنغان. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى سى تۇڭخۇانىڭ خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە ئىشلىرىغا قوشقان ھەسسىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تەزىيەنامە ئېلان قىلغان، ئەمما ۋاڭ دەن بىلەن ئۆركەشنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىغا ھازىرچە ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن.