ئۆركەش دۆلەت گورباچېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

1989‏ - يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت، نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرى يىغىنى رەئىسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ياپونىيىنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نوبىل ساھىبلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئۆركەش دۆلەتنىڭ جۈمە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گورباچېفنىڭ رەسمىي تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋە يىغىنغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان. لېكىن ئۇ خىروشىمادىكى يىغىنغا، يېقىندا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبوغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يىغىنغا تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى بولۇشتىن ئىبارەت "قىممەتلىك مېھمان" سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆركەش يىغىندا ليۇ شاۋبو ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ليۇ شاۋبونىڭ "ئەقىلچىلىك ۋە غەيرى زوراۋانلىق" مەسىلىسىدىكى كىشىلىك قارىشىنى تونۇشتۇرۇدىكەن.

نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ خىروشىمادا ئېچىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىنى 11‏ - ئاينىڭ 12 ‏- كۈنىدىن 14 ‏- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. "خىروشىمانىڭ مىراسى‏ - يادرو قوراللىرىسىز دۇنيا بەرپا قىلىش" ناملىق بۇ يىغىن 11‏ - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى چاقىرىلىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھارپىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ئېلان قىلغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، يىغىننىڭ ساھبخانلىرى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرىدىن 10 كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىدىن ئۈمىد بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى گورباچېف ۋە تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان يىغىنغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش سەۋەبىدىن ناچارلىشىپ، خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇلغان شۇنداقلا ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىدە خىتايغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.