ئۇ 4 - ئىيۇن كۈنى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىش جەريانىدا، خىتاي كونسۇلخانىسى ئىچىگە بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا ياپونىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئارقىدىن قويۇۋېتىلگەن.
ئۇ خىتايغا بېرىش سەپىرىنىڭ مەقسىتىنى، ئالدى بىلەن 21 يىلدىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈش، ئاندىن بىر ئۆكتىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىش دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ خىل سۆزلىشىشنىڭ نورمال سۆھبەت ئۈستىلىدە بولمىسىمۇ، تۈرمىدە ياكى سوت مەيدانىدا داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتايغا كېتىشنىڭ يەنە باشقا يوللىرىنىمۇ ئويلىشىپ قويغانلىقىنى، ئەمما بۇنى ھازىرچە ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما، كۆپ ئېھتىماللىقتا، ئۇنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا چېگرىلىرىدىن يوشۇرۇن ھالدا كىرىپ، ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە بۇ جەرياننى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.