يەكشەنبە كۈنى كېچىدە تارقىتىلغان بۇ خەۋەر كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تەرىپىدىن رەسمىي جاكارلاندى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما نۇتقىدا «ئادالەت يېرىنى تاپتى» دېدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىن لادىن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادنىڭ شىمالى تەرىپىگە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان بىلال رايونىدىكى بىر ئۆيگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ھۇجۇم جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن. ھۇجۇمدا جەمئىي 5 كىشى ئۆلگەن.
خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن كۆپلىگەن كىشىلەر ۋاشىڭگتوندىكى ئاق ساراي ئالدىغا يىغىلىپ، غەلىبە تەنتەنىسى قىلدى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرى ۋە ۋەتەنداشلىرىنى ئەل-قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىدىن پەخەس بولۇشقا چاقىردى.
بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون ۋەقە ھەققىدە بايانات بېرىپ، بىن لادىننىڭ ئۆلۈمىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشتىكى مۇھىم بىر غەلىبە ھېسابلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ تالىبانغا «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى يېڭەلمەيسىلەر» دەيدىغان سىگنالنى بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.