دائىرىلەر يەنە، بىن لادېن ھەققىدىكى يەنە بىر قىسىم فىلىملەرنىمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئاشكارىلايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاشكارىلاش پىلان قىلىنغان فىلىملەرنىڭ كۆپ قىسمى بىن لادېننىڭ ئاببوتئابادتىكى تۇرالغۇسىدا لېنتىغا ئېلىنغان بولۇپ، فىلىملەردە بىن لادېننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن.
لېنتىلارنىڭ بىر قىسمىدا بىن لادېننىڭ تېلېۋىزىيە نۇتۇقلىرى بار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەرەپ بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسىدىن قولغا چۈشۈرگەن ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە بىن لادېننىڭ يەمەن ۋە سومالىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملاردا مۇھىم روللارنى ئوينىغانلىقى ئاشكارىلايدىغان يىپ ئۇچى بار ئىكەن.
ھالبۇكى، ماتېرىياللاردا «بازا» يەنى ئەل- قائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق كاتتىۋېشى ئايمان ئەل زاۋاھرى ھەققىدە مەلۇمات يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.