ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، لېنتىدىكى ئوساما بىن لادېن سۆزىدە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر داۋاملىق ئىسرائىلىيىنى قوللىسا، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئۈن ئالغۇ لېنتىسىدا بۇ سۆزلەرنىڭ "ئوسامادىن ئوباماغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى" ئېيتىلغان.
ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى يەكشەنبە كۈنى مەزكۇر ئۈن ئالغۇ لېنتىسى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئۈن ئالغۇ لېنتىسىنىڭ راست - يالغانلىقىنى دەرھال ئېنىقلاشقا ئامالسىز ئىكەنلىكى، ئەمما، ئۈن ئالغۇ لېنتىسىدىكى ئاۋازلارنىڭ ئوساما بىن لادىننىڭ ئىلگىرىكى ئۈن ئالغۇ لېنتىسىدىكى ئاۋازلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئۇن ئالغۇ لېنتىسىدىكى بۇ سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق يېڭىلىقى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
بىر ئاي ئىلگىرىكى روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدە ئومەر فارۇخ ئابدۇمۇتەللىپنىڭ ئامسىتېردامدىن ئامېرىكا ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۇچۇپ، ئامېرىكىنىڭ دېترويت شەھىرىدە قونۇشنىڭ ئالدىدا ئايروپىلاننى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇشى سېزىلىپ، قولغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەمەندە تەربىيە كۆرگەنلىكى ۋە ئەل - قائىدە بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى تېررورىزمدىن مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.