شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۆسمۈر-بالىلار ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق بۇ 5 چوڭ دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن بېسىلغان بىر قەدەم سۆپتىدە تەشۋىق قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە ئاتالمىش ئۆچ خىل كۈچلەرنىڭ ئۈسمۈر-بالىلار ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىنى يىللاردىن بېرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش ئۈچۈن تەشۋىقات ماتېرىيالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، مەزكۇر جازا تەدبىرلىرىنىڭ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، بىر نەچچە ئاي ئىچىدە «يۈزگە يېقىن شايكىنى يوق قىلغان، 500 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان، 400 دەك بالىنى قۇتقۇزغان» لىق خەۋىرىدىن مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى، مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئۆسمۈر-بالىلىرىنىڭ، ئىقتىسادىي ئىمكانلىرى يېتەرلىك بىر ئائىلىگە ۋە شۇنداقلا ساغلام بىر مائارىپ تەربىيىسى مۇھىتىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
