ئۆسمۆرلەرنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى مەنئى قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەتلەر 100 گە يەتتى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت چوڭ يىغىنى جەريانىدا، ئانگولا، ئەرمىنىيە، بوسنىيا، كوستارىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆسمۆرلەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى مەنئى قىلىش كېلىشىم لايىھىسىگە ئىمزا قويدى.

شۇنىڭ بىلەن بۇ كېلىشىم لايىھىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 100 گە يەتتى.

ب د ت 2010‏-يىلى ئافغانىستان، بۇرۇنى، ئوتتۇرا ئافرىقا، چات، كولۇمبىيا، كونگو، بېرما، نېپال، سومالىي، سىرلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى، ئۆسمۆرلەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرغان دۆلەتلەر قارا تىزىملىكىگە ئالغان ئىدى. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرگە جازا قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ب د ت ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش ئورگىنىنىڭ باشلىقى فرانسويس زېمىرەينىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت دا ماقۇللاشقا سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئۆسمۆرلەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشنى مەنئى قىلىش كېلىشىم لايىھىسىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر خىتاي، رۇسىيە ۋە پاكىستان.