ئالتاي ئورمانلىقلىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۆرچىن ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئورمانلىققا 13‏-سېنتەبىر كۈنى ئوت كەتكەن. ھازىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىۋاتقان بۇ جاي قۇمقاناس يېزىسىغا 36 كىلومېتىر يېقىنلىقتا.

يەرلىك دائىرىلەر 200 دىن ئارتۇق ئادەم ۋە بىرنەچچە تىك ئۇچار چىقىرىپ تەكشۈرگەندە، بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ ناھايىتى دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئالتاي ئورمانلىقلىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ناھايىتى شىددەتلىك. بەلكى ئۇ گۈزەل قاناس كۆلى ساياھەت رايونىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ رايون موڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

ئالتاي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ھازىر قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىش ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغان. ئەگەر بۇ جايدىكى ئورمانلىقتا كۆيۈۋاتقان شىددەتلىك ئوتقا تېز تەدبىر قوللىنىلمىسا، بۇ قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت كەلتۈرۈشى مۇمكىن.