توققۇزاقتا كەڭ كۆلەملىك ئۆي ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە خىتاي خىتاي ساقچى ئورگانلىرى توققۇزاقتا كەڭ كۆلەملىك ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ناھىيىدىكى 13 يېزىدىن 3000 نۇقتىلىق ئائىلىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ چىققان.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆي ئاختۇرۇش ھەرىكىتىگە قەشقەر توققۇزاقتىكى بىر مەركىزى كوچىغا چاپلانغان مىللىي مۇستەقىللىق مەزمۇنىدىكى تەشۋىقات ۋارىقى سەۋەب بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، 3 پارچە تەشۋىقات ۋارىقى يول ياقىسىدىكى چىراغ تۈۋرۈكىگە چاپلانغان.

تەشۋىقات ۋارىقىدا «ياشىسۇن مۇستەقىل ئۇيغۇرلار!»، «خىتاي كۆچمەنلىرى ۋەتىنىمىزدىن يوقالسۇن» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە بولۇپ ئىككى خىل تىلدا يېزىلغان.

ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى پەيدا قىلغان ۋەھىمىنىڭ تەسىرىدىن تېخى قۇتۇلۇپ بولالمىغان خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ۋارىقىدىن قاتتىق جىددىيلەشكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ دىلشات رىشىتقا ئاشكارىلىشىچە، 2-سېنتەبىر باشلانغان كەڭ كۆلەملىك ئۆي ئاختۇرۇش ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

ئۆي ئاختۇرۇش سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىگە گۇمان بىلەن قارىلىۋاتقان نۇقتىلىق كىشىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان. ھازىرغا قەدەر قانچىلىك كىشىنىڭ ۋە كىملەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس.