ئۆزبېك ئەمەلدارنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

24-ماي كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر نوروۋ گېرمانىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە بەزى گېرمان پارلامېنت ئەزالىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىدا ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ياۋرۇئاسيا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار ئۆز بايانلىرىدا «ئۆزبېكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش گېرمانىيىنىڭ مەجبۇرىيىتى» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ تېرمىز رايونىدا ھاۋا بازىسى بار بولۇپ، گېرمانىيە بۇ بازىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى، ئامېرىكا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى ئەندىجان ۋەقەسىنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىمۇ ساقلاپ قالغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى گېرمانىيىنى رايوندىكى مەنپەئىتى ۋە ھاۋا بازىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قويغان جازا تەدبىرىگە ئەمەل قىلماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى كۆرمەسكە سېلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئەندىجان ۋەقەسىگە 6 يىل بولغان بۇ مەزگىلدە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنى ئۆزبېكىستانغا ۋەقەنىڭ ھېسابىنى بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە ۋە ئۆزبېك ھۆكۈمىتىگە قويغان جازا تەدبىرلىرىنى داۋام قىلىشقا چاقىردى.