بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بىر يىلدىن بۇيان دېلونىڭ ئېنىقلانمىغانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىزھار قىلىشقان.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى ژۇرنالىستلارنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغداشقا دەۋەت قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئوشتىكى ژۇرنالىستلار يەنە ئەينى پرېزىدېنت باقىيېۋنىڭ مەزكۇر دېلونى ئېنىقلاش ئىشلىرىغا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇشىغا قارىماي، قاتىلنىڭ ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغانلىقىدىن نارازى بولۇشقان.
قىرغىزىستان پۇقراسى ئەلىشىر سايىپوۋنىڭ ئەينى ۋاقىتتا، سىياسەت ناملىق گېزىت چىقىرىپ، ئۇنى ئۆزبېكىستانغا كىرگۈزگەنلىكى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيەتلىرى ھەققىدە ماقالە ئۇچۇرلارنى يوللاپ تۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى كۆپلىگەن قىياس ۋە ئىنكاسلارغا سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم.
