كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى ئويدۇرما دەپ كۆرسەتتى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئۆزبېكىستاندا قاماققا ھۆكۈم قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى ئويدۇرما دەپ كۆرسەتتى ۋە ئۇزبەك ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر كىشىگە بېرىلگەن قاماق جازاسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۆزبېك دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى غەيبۇللا جەلىلوۋنى "دىنىي ئەسەبىيلىك" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېك دائىرىلىرى ئوتكەن ھەپتە جەلىلوۋنىڭ جازا مۇددىتىنى يەنە 4 يىل ئۇزارتقان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جەلىلوۋقا ئارتىلغان جىنايەتنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، خىتاي باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن ئىدى.