بۇ تەبىئىي گاز توشۇش 8-ئايدا باشلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېك دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بىلەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇي لياڭيۈ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي ئۇچرىشىشنى خەۋەر قىلغاندا مەزكۇر مەسىلىنى تىلغا ئالغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۆزبېك تەبىئىي گاز تىجارىتىنى بۈگۈنكى كۈنلەرگە قەدەر رۇسىيىنىڭ گازپروم شىركىتى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئانچە ياخشى خەۋەر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھازىر مول ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يۆتكەش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تۇرۇبا يوللىرى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتمەكتە.
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە ھازىرغىچە 2 لىنىيە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ بولدى. تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق فۇجيەن ئۆلكىسىگە تۇتۇشىدىغان 3-لىنىيە قۇرۇلۇشى 2 يىل ئىچىدە پۈتتۈرۈلمەكچى.
ئۆزبېك خەۋەر ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە، 3-لىنىيە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە، ئۆزبېكىستان ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تىجارىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.