بۈگۈن بېيجىڭدا ئۈچ ئادەم ئۆزىگە ئوت قويدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن كەچ سائەت 3 تە، بېيجىڭدا، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى چاڭئەن كوچىسى بىلەن ۋاڭفۇجىڭ كوچىسى كېسىشكەن جايدا، ئىچىدە ئۈچ ئادەم ئولتۇرغان، ئەمما كىملىكى نامەلۇم بىر پاپىداغا ئوت كەتكەن. بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى تېخىچە ئېنىق ئەمەس.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقەنى ئۈچ ئادەم ئۆزىنى كۆيدۈردى دەپ خەۋەر قىلغان. ئەمما ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچى ئورگانلىرى، بۇ ئۈچ ئادەمنى بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزىيەتچى، ئۇلار كىملىكى گۇمانلىق بولغان بىر كىچىك ماشىنا، يەنى پاپىدا بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ شەرق بۇرجىكىگە كەلگەندە، ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ھامان كىچىك ماشىنىغا ئۆت تۇتاشقان، ساقچىلار ئىككى ئادەمنى قۇتقۇزۇۋېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، يەنە بىر ئادەمنى قۇتقۇزالمىغان، دەپ جاكارلىغان.

خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈن بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرى ھەرخىل، بەزىلىرى بۇ پاپىدانى شىنجاڭنىڭ نومۇرى بار پاپىدا، دېسە، بەزىلىرى ئىچىدە 3 شىنجاڭلىق ئولتۇرغان پاپىدا، دېگەن. يەنە بەزىلىرى پاپىدانىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان ئۈچ كىشى تىبەتلىك دېگەن. بەزىلىرى ھەتتا بۇ پاپىدىدىكى كىشىلەرنى ئوتتۇرا شەرقتىكى غەززىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر، دېگەن.