خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېقىن ۋاڭ فۇجىڭ كوچىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزىگە ئوت قويۇش ۋەقەسىدە، 59 ياشلىق ئەر بىلەن 58 ياشلىق ئايالنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ 28 ياشلىق ئوغلىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ماشىنا نومۇرى بېكىتىلگەن كۈلرەڭ ماشىنىنى قاتناش قائىدىسى سەۋەبىدىن توختاتقاندا، ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرغان 59 ياشلىق ئەرنىڭ دەرھال ئۆزىگە بېنزىن تۆكۈپ ئوت قويغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ھەقتە ھەر خىل خەۋەرلەرنى تارقاتقان بولۇپ، بەزىلىرى 3 كىشىنىڭ بىرىنىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكىنى، يەنە بەزىلىرى ئۇلارنىڭ تىبەت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ غەززە رايونىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.