كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى باستۇرۇش خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىنى يۇمشاتمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇتقۇن قىلىنغان تىبەتلەردىن 12 كىشى رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بىراق شىنخۇا ئاگېنتلىقى قولغا ئېلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.
چىڭخەينىڭ خۇاڭنەن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان فاگپا ئىسىملىك 27 ياشلاردىكى تىبەتلىكنى «قاتىللىق ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغان كىشىلەرنى قاتىللىق بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى قاتتىق تەنقىد قىلغان.