مەلۇم بولۇشىچە بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازى بولۇپ، ئۆزىنى كۆيدۈرگەن 101-تىبەتلىك ئىكەن. باشقا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، نېپالدا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تىبەتلىك يارىسى ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى بۇ رايونلاردىكى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ساقچىلىرى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيگەن بولسا، تىبەتلەر رايونىدا ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرى كۆپەيمەكتە.