لوندوننى بازا قىلغان «ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇندۇپ ئىسىملىك 50 ياشلاردىكى بۇ تىبەت، دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان. دۇندۇپ، گەننان ئاپتونوم ئوبلاستىدا يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن 4-كىشى. شۇنداقلا گەننەن ئوبلاستىغا قاراشلىق ساڭچۇ ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق تىبەتلەردىن يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە ئۆزىنى كۆيدۈرگەن 2-كىشىدۇر. ساڭچۇ ناھىيىسىدىكى لابراڭ ئىبادەتخانىسى تىبەت بۇددىزمىنىڭ گالۇ ئېقىمىغا مەنسۇپ 6 چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ بىرى.
ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لابراڭ ئىبادەتخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە قارشىلىق قىلىش بىلەن تونۇلغان ئىبادەتخانىلارنىڭ بىرى. دۇندۇپ ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، لابراڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى يېتىپ كېلىپ، دۇندۇپقا سۇ چېچىپ ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان ۋە ئەتراپتىكى كوچا-كويلارنى قامال قىلغان. سۈرگۈندىكى گۇ چۇ سوم تىبەت ھەرىكىتى ناملىق سابىق تىبەت مەھبۇسلىرى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى قىسىملىرى دۇندۇپنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىدىن خەۋەر ئالالمىغان.