ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلىك قازا قىلدى

گەنسۇدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر تىبەتلىك سەيشەنبە كۈنى ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ گەنسۇ ئۆلكىسى ساڭچۇ ناھىيىسىگە جايلاشقان لابراڭ ئىبادەتخانىسى تەۋەلىكىدە ئىككى كۈچ ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئۆزىگە ئوت قويۇپ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.10.24

ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ئۆزىگە ئوت قويغان كىشى بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن دورجې رىنچېن ئىسىملىك تىبەت دېھقان ئىكەن.

22‏-ئۆكتەبىر، گەنسۇنىڭ ساڭچۇ ناھىيىسىدە دۇندۇپ ئىسىملىك 50 ياشلاردىكى بىر تىبەت ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى 2011-يىلى مارتىن بۇيان داۋام قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.