ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ئۆزىگە ئوت قويغان كىشى بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن دورجې رىنچېن ئىسىملىك تىبەت دېھقان ئىكەن.
22-ئۆكتەبىر، گەنسۇنىڭ ساڭچۇ ناھىيىسىدە دۇندۇپ ئىسىملىك 50 ياشلاردىكى بىر تىبەت ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى 2011-يىلى مارتىن بۇيان داۋام قىلماقتا.