ھەپتە ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلەرنىڭ سانىنى بەشكە يەتتى

جۈمە كۈنى گەنسۇنىڭ ئامۇچۇخۇ يېزىسىدا يەنە بىر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەپتە جەريانىدا شۇ خىل ئۇسۇلدا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلەرنىڭ سانىنى بەشكە يەتتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.10.27

لوندوندىكى «ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەت ئۆزىگە ئوت قويغان كىشى گەنسۇ ئۆلكىسى ساڭچۇ (شىياخې) ناھىيىسى ئامۇچۇخۇ يېزىسىدىن كەلگەن 23 ياشلىق تسېۋاڭ كياب ئىسىملىك تىبەت ياش ئىكەن.

جۈمە كۈنى دەل يۇقىرىقى كەنتتە 24 ياشلىق بىر تىبەت دېھقان ئۆزىگە ئوت قويۇپ ھايتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

تسېۋاڭ كيابنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.