لوندوندىكى «ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەت ئۆزىگە ئوت قويغان كىشى گەنسۇ ئۆلكىسى ساڭچۇ (شىياخې) ناھىيىسى ئامۇچۇخۇ يېزىسىدىن كەلگەن 23 ياشلىق تسېۋاڭ كياب ئىسىملىك تىبەت ياش ئىكەن.
جۈمە كۈنى دەل يۇقىرىقى كەنتتە 24 ياشلىق بىر تىبەت دېھقان ئۆزىگە ئوت قويۇپ ھايتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
تسېۋاڭ كيابنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.