تۈنۈگۈنمۇ گەنسۇ ئۆلكىسىدە 21 ياشلىق ۋاندېكار ئىسىملىك تىبەت ياش ئۆزىگە ئوت قويغان بولۇپ، نەق مەيداندىن ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككىيلەن ئۆزىگە ئوت قويغاندىن كېيىن تىبەتلەرگە ئەركىنلىك دەپ شوئار توۋلىغان.
رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە 29-نويابىر پەيشەنبە كۈنىگىچە، خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تىبەتلىكنىڭ سانى 89 غا يەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنى چەكلەش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەر ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازى بولغان تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى بارغانچە ئەۋج ئالماقتا.