ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن سابىق تىبەت راھىبى ئۆلگەن

تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا تىبەتنىڭ چامدو رايونىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن كارما ئىبادەتخانىسىنىڭ سابىق راھىبى ئۆلگەن.

بۇ يىل 46 ياشلاردىكى تەنزىن فۇتسوگ ئىسىملىك سابىق تىبەت راھىبى بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن كارما ئىبادەتخانىسى ئەتراپىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ ئېغىر يارىلانغان ئىدى. ئۇ بۇ يىل 4‏-ئايدىن بۇيان ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەت راھىبلىرىدىن 12‏-كىشى.

مەركىزى ھىندىستاندىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزى تەنزىن فۇتسوگنىڭ سەيشەنبە كۈنى چامدو رايونىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى تىبەت «بۆلگۈنچىلىرى» نىڭ تىبەت راھىبلىرىنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە قۇتراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دالاي لامانىڭ ئەتراپىدىكى بەزى كىشىلەرنى ئەيىبلىگەن. بىراق دالاي لاما ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ بىر «جاسارەت» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان. خىتاي دارامسالادىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتايدىن تىبەت سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرىلەپ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان.