ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن پۇنسوڭ ئىسىملىك بۇ راھىب چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان ئابا ناھىيىسىدىكى بىر بۇتخانا ئالدىدا ئۆزىگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشىلىق بىلدۈرگەن.
چەتئەللەردىكى تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار بۇ راھىبنى ئۇرۇپ-تەپكەن. بۇنىڭ بىلەن باشقا راھىبلارمۇ ۋەقەگە ئارىلاشقان. كېيىن ساقچىلار ۋەقەنى باستۇرۇپ، پۇنسۇڭنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن. ئەمما، خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى راھىب پۇنسوڭنىڭ پەيشەنبە كۈنى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتىدىن قاتتىق نارازى بولغان مىڭدىن ئوشۇق تىبەتلىك راھىب بۇتخانا ئالدىدىكى كوچىدا ئولتۇرۇۋالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى قولغا ئېلىنغان. ھازىر ۋەزىيەت جىددىي بولۇپ، راھىبلارنىڭ نامايىش قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي دائىرىلىرى كۆپلىگەن ساقچىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن.
بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋەقەدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەمما تىبەتلەر ئۈستىدىكى بېسىم كۈنسايىن ئارتىۋاتقان بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا بۇنىڭ ھەيران قالارلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئالدىنقى ھەپتە ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان دالاي لاما بۈگۈنكى باياناتىدا، ئىستېپا قارارىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ «كونا ئادەتلەر ئەمدى ئۆزگىرىشى كېرەك، مېنىڭ مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەككە ئوخشاپ قالغۇم يوق، بىزمۇ دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشىمىز، ۋاقتى ئۆتكەن پادىشاھلىق تۈزۈمىدەك بوپقالماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.
تىبەتلىكلەر مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىگە يېڭى باش مىنىستىر سايلاپ چىقىش ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بېرىپ، بىلەت تاشلايدۇ.