يەنە بىر تىبەت راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈردى

15-ئۆكتەبىر كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا رايونىغا جايلاشقان كىرتى ئىبادەتخانىسىنىڭ 19 ياشلىق بىر سابىق راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېتىش ئۇسۇلى بىلەن خىتاينىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇ يېقىندىن بۇيان ئۆزىگە ئوت قويۇۋېتىش ئۇسۇلى بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەن8-راھىب ھېسابلىنىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،لوندوندىكى ئەركىن تىبەت ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى زورگىيى مەزكۇر راھىبنىڭ «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك ۋە دالاي لاما قايتىپ كەلسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شتابى دارىمسالادىكى تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتلەر رايونىغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەتلەر رايونىغا بېرىپ، ھەقىقىي ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.