فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى بۇ ئۆلۈۋالغۇچىلار ئادەتتە يېشى 15 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ئاساسلىق مەكتەپ بالىلىرىغا ياخشى نەتىجە يارىتىش ھەققىدە قىلىنغان ئېغىر بېسىم ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قىيىنچىلىق سەۋەب بولىدىكەن.
گۇاڭجۇدا چىقىدىغان كۈندىلىك گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتايدىكى ئۆلۈۋالغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن سۈرئەت بىلەن ئۆرلىگەنلىكىنى، يېزىلىقلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ شەھەر مەركىزىدىكىلەرگە قارىغاندا 3 ھەسسە يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان.
خىتايدىكى بۇ ھادىسە، ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم كۈن تەرتىپكە كەلگەن ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتايدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان بىر قانچە ئىشچى ئېغىر ئىش بېسىمى ۋە ناچار ئىش شارائىتىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ۋە بۇ ئىشچىلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىغىمۇ سەۋەب بولغان ئىدى.
نۆۋەتتە بۇ خىتايدىكى نوپۇس قېرىش، ئەر-ئاياللار نوپۇسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىق مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر قاتارىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلە دەپ قارالماقتا.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ستاتىستىكىدىن قارىغاندا، لىتۋا، فىنلاندىيە، لاتۋىيە، ۋېنگرىيە، خىتاي، ياپونىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر دۇنيادىكى ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەر بولۇپ، ھەر يۈز مىڭ كىشىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.