ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە زەكىي ئۇر راخمان لاخۋى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە 14 كىشىنىڭ كەشمىردىكى بىر لاگىرىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
زەكىي ئۇر راخمان لاخۋى قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، پاكىستان "دۆلەت شتاتى سىرتىدىكى ئامىللار" نىڭ مومبايدىكى ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىشتا پاكىستاننى بازا قىلىپ قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەمەلدارلار قولغا ئېلىنغان 15 كىشى لەشكىرىي تائىبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك جامائەت ئۇد داۋانىڭ كەشمىردىكى بىر ساخاۋەت لاگىرىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، " جامائەت ئۇد داۋا قۇرغان خەيرى - ساخاۋەت لاگىرىنىڭ پاكىستان ئامانلىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئاختۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جامائەت ئۇد داۋا 1989 - يىلى لەشكىرىي تائىبە تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 2001 - يىلى ھىندىستان پارلامېنتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان لەشكىرىي تائىبەنى قانۇنسىز تەشكىلات، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. لەشكىرىي تائىبە 1980 - يىللاردا پاكىستان مەخپىي ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە سېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى مومبايدىكى ھۇجۇمغا قاتناشقان كىشىنىڭ پاكىستاندىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاكىستان دائىرىلىرىگە 20 كىشىلىك بىر تىزىملىك بەرگەن، تىزىملىكتىكىلەرنى ھىندىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
كاندىلىزا رايىس، يەكشەنبە كۈنكى سۆزىدە پاكىستان تېز ھەرىكەت قىلىپ، ھىندىستانغا ياردەم قىلىشى، بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، دېگەن. لېكىن رايىس ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستانغا 48 سائەت مۇددەت بېرىلگەنلىكىنى رەت قىلدى.