پاكىستان ئالىي سوت باشلىقى چائۇدىرى ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلدى

سابىق پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىش مۇشەررەپ تەرىپىدىن 2007 - يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن پاكىستان ئالىي سوت باشلىقى، ئالىي سوتچى ئىپتىخار چائۇدىرى 22 - مارت كۈنى رەسمىي تۈردە ئۆز ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا پەرۋاز مۇشەررەپنىڭ پاكىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇشەررەپ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا توسقۇنلۇق قىلدى دەپ قاراپ، ئالىي سوتتىكى بىر قىسىم سوتچىلار ھەمدە ئالىي سوت باشلىقىنى توختىتىپ قويغان ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆكتىچى رەھبىرى بىنەزەر بۇتتو ھەمدە ناۋاز شېرىپ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئالىي سوتچىنى ۋەزىپىگە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىنەزەر بۇتتو خانىم ئۆلتۈرۈلۈپ، مۇشەررەپ ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇتتو خانىمنىڭ ئېرى ئاسىف زەردارى پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، تاكى ھازىرغىچە ئالىي سوت باشلىقىنى ۋەزىپىسىگە قايتۇرۇپ كەلمىگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پاكىستاندا ناۋاز شېرىپ باشچىلىقىدا ئالدىنقى ھەپتىدە يەنە بىر قېتىم ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، زەردارىدىن ئالىي سوتچىنى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان، ھەتتا ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا پرېزىدېنت زەردارى ئالىي سوتچى ئىپتىخار چائۇدىرىنىڭ ۋەزىپىسىگە قايتىشىنى تەستىقلىغان شۇنىڭدەك ئىپتىخار چائۇدىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 22 - مارت كۈنى ئىسلام ئابادتا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

چائۇدىرىنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىگە قايتىپ كېلىشى پاكىستاندا ئاساسىي قانۇن سوتى ھېسابلىنىدىغان ئالىي سوتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دېموكراتىك تەرەققىيات ۋە ھوقۇقنى ھىمايە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا شۇنىڭدەك ئۆكتىچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىلەرنى ئاشۇرماقتا.