ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ب ب س نىڭ يېزىشىچە، ئوباما مۇخبىرنىڭ «ئەگەر پاكىستاندا تېررورلۇق گۇرۇپپىسى ئەل-قائىدىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ۋە ياكى تالىبان ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئېنىقلانسا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قانداق قىلىشى مۇمكىن؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىن ئېتىش.
بىز پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زور ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز. بىراق، بىز ھېچ كىمنىڭ بىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈش پىلانى تۈزۈشىگە، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن تەدبىر قوللانماسلىقىغا يول قويمايمىز» دەپ تەكىتلىگەن.
2-ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ بىر ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى پاكىستاندىكى بىن لادېننىڭ يوشۇرۇنغان تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىن لادېننى ئۆلتۈرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، پاكىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ قالغان.
بۇ كۈنلەردە پاكىستان خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشكە پۈتۈشتىن.
پرېزىدېنت ئوباما ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى، بىراق تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئەل-قائىدە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.