پاكىستان تېررورلۇق گۇرۇھلارنى ئامېرىكىغا قارشى كوزىر ئورنىدا قوللىنىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىنا راباننى خار، پاكىستاننىڭ ھەققانىي گۇرۇھى قاتارلىق تېررورچى تەشكىلاتلارنى ئامېرىكىغا قارشى كوزىر ئورنىدا قوللىنىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستان-ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى خەۋپكە دۇچار قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

لېكىن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىنا راباننى خار، جۈمە كۈنى پاكىستان تېلېۋىزىيە قانىلىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، مايك مۇللېننىڭ سۆزىنى تەنقىد قىلغان ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا -پاكىستان مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «بىر ئىتتىپاقداشقا، بىر شېرىككە قىلىنغان بۇ خىل ئاشكارا تەنقىد ۋە ھاقارەت، ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن.

مايك مۇللېن پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ تېررورچى گۇرۇھلارنى ئامېرىكىغا قارشى كوزىر ئورنىدا قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن بۇرۇن، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پاكىستاننىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، رەقىپلىرىگە قارشى تېررورچى گۇرۇھلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رابىيە خانىم بۇ سۆزلەرنى پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا ئېيتقان.

تۈنۈگۈن، ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاب باشلىقلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مايك مۇللېن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، پاكىستان مۇشتەرەك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ياردەم قىلغانلىقىنى، پاكىستان جاسۇسلۇق ئورگىنى بۇنىڭدىن بۇرۇن يەنە، پاكىستان چېگرىسى ئىچىدىكى ھەققانىي گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئېلىپ بارغان بىر قانچە قېتىملىق ھۇجۇمىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.