ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى: 'ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىمىز پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىكى'
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.02.11
2010.02.11
ئۇ، پاكىستاننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ: "پاكىستاننىڭ يادرو قورالى بار، شۇنداقلا پاكىستاندا يەنە بىر قىسىم رادىكال كۈچلەرمۇ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، پاكىستان بولسا دېموكراتىيە تېخى تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغان بىر دۆلەت" دېدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر پاكىستان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بارىدىغان ئۇرۇشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، پاكىستان چېگرىسى ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرى ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان ئاساسلىق رايونلار ئىكەن، شۇڭا ئامېرىكا ھەر ۋاقىت تالىبان كۈچلىرىنىڭ پاكىستان چېگرىسىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايمۇ پاكىستاننى ئۆز ئەتراپىدىكى چېگرىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم دۆلەت دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پاكىستانغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتماقتا ئىكەن.