ئامېرىكا پاكىستاندىكى ئەلچىخانىلىرىنى تاقىدى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى پاكىستاننىڭ ئىسلام ئابات شەھىرىگە 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىن لادېننى ئۆلتۈرگەندىن بىر كۈن كېيىن، پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى ھەم ئىش بېجىرىدىغان 3 كونسۇلخانىسىنى تاقىغان.

ئەمما ئامېرىكا تەرەپ ئەلچىخانىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تاقالغانلىقىغا ئىزاھات بەرمىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئابادتىكى باش ئەلچىسى، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئاۋامغا قارىتىلغان بارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقى، «تايمىس» قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 10 يىلدىن بۇيان بىن لادېننى تۇتۇش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مالىيە چىقىمى ھەم ئادەم چىقىمى سەرپ قىلىپ، زور بەدەل تۆلىگەن.

ھالبۇكى بىن لادېن بولسا پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئاباتتىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا تۇرغان بولسىمۇ، پاكىستان ئىستىغبارات ئورۇنلىرىنىڭ بۇنى سېزەلمەسلىكى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلىشىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن.