پاكىستان ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا غايەت زور ھەربىي كۈچنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ يادرو قوراللىرىنى باشقۇرىدىغان دۆلەت قوماندانلىق ئورگىنى NCA بۈگۈن، پاكىستاندىن ھىندىستانغىچە سوزۇلغان ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا غايەت زور ھەربىي كۈچنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ھىندىستان يېقىندا رۇسىيىنىڭ 'نېرپا' بەلگىلىك ئاتوم قۇۋۋىتى سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئىجارە ئالغاندىن كېيىن، ھىندىىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى دىپاك كاپۇر، ھىندىىستان ھازىر پاكىستان بىلەن خىتايغا بىرلا ۋاقىتتا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ جاكارلىغان ئىدى.

2008‏ - يىلى 11 ‏- ئايدا، پاكىستانغا قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاپ 166 نەپەر بىگۇنا ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ھىندىىستان بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشكە باشلىغان ئىدى.