رۇسىيە ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزاسى بولۇشىنى قارشى ئالدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف 13 - ئاپرىل كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، لاۋروف رۇسىيىنىڭ ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى قۇرۇلمىسىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالغانلىقى، ترانسپورت، يېڭى تەخنىكا، يېزا ئىگىلىك جەھەتلەردىن ھىندىستانغا توسالغۇ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

ھىندىستان بىلەن پاكىستان 2009 - يىلى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان، ئەمما ھازىرغىچە ئۇلار تېخى رەسمىي ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمىغان بولۇپ، پەقەت كۆزەتكۈچىلىك ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئىلگىرى رۇسىيىنىڭ ھىندىستاننى، خىتاينىڭ پاكىستاننى رەسمى ئەزا قىلىش ئۈمىدى بولغانلىقى، قايسى دۆلەتنى ئەزا قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر ئىختىلاپلىرى مەۋجۇتلۇقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.