پاكىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1100 دىن ئاشتى

پاكىستاندا يۈز بېرىپ، بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئېغىر كەلكۇن ئاپىتىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1100 غا يەتكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەلكۈن ئاپىتى ھەيبەر - پاكتونكىۋا ئۆلكىسىدە ئەڭ ئېغىر بولغان. پەقەت سۋات رايونىدىلا 14600 ئۆي ۋە 22 مەكتەپ، سۇ ئاستىدا قالغان.

ئاپەت پەنجاب ئۆلكىسىدىمۇ يۈز بەرگەن. كەلكۈن، ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى ئۈزۈۋەتكەن بولۇپ، ياردەم يەتكۈزۈش ۋە قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. پاكىستان ھۆكۈمىتى جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان.

ببس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرىۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرىمۇ كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۈچ نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان. پاكىستان تەرەپ تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتىپ، 270 نەچچە نەپەر خىتاي ئىشچىسى ۋە ئىنجېنېرىنى ئالدى بىلەن قۇتقۇزۇۋالغان.

پاكىستاندىكى مەزكۇر كەلكۈن ئاپىتى يېقىنقى 80 يىل ئىچىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ ئېغىر ئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.