ب د ت خەلقارا جامائەتنى پاكىستانغا 460 مىليون دوللار ياردەم قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۈگۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنى زور كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان پاكىستانغا 460 مىليون دوللار ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

تەشكىلاتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش كومىسيونىنىڭ باشلىقى جون ھولمىس پاكىستاندا ھازىر تەخمىنەن 7 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سۇ ۋە تىببىي بۇيۇملارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ۋاقتىدا ياردەم بېرىلمىسە ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ ئارتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە بىر قىسىم دۆلەتلەر 156 مىليون دوللار قىممىتىدە ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمى كېلىشكە باشلىغان.

ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋەقەدىن كېيىن دەرھال رايوندىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا دېڭىز ئەسكەرلىرى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى پاكىستانغا ياردەمگە يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا پاكىستانغا 71 مىليون دوللار جىددىي قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىش ئۈستىدە ۋەدە قىلغان.

پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 1600 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن، 14 مىليون كىشى ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئىدى.