پاكىستاندا سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقتە يۇقۇملۇق كېسەللىك كۆپىيىۋاتىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان رەھبەرلىرى سۇ ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئادەم سانىنى 20 مىليون دەپ مۆلچەرلىمەكتە. خۇددى پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى ئېيتقاندەك، پاكىستاننىڭ بۇ قېتىمقى سۇ ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار كېتىشى مۇمكىن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.08.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

پاكىستان باش مىنىستىرى جىلانىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى سۇ ئاپىتىدە 200 دىن ئارتۇق داۋالاش ئورۇنلىرى ۋەيران بولدى، ھازىر 35 مىڭ دوختور، سېستىرانىڭ قۇتقۇزۇشنى يولغا قويىدىغان تورار جايى يوق.

ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى ۋىنستوننىڭ ئېيتىشىچە، بىر مىليون سەككىز يۈز مىڭ ئادەمگە دورا تارقىتىپ بېرىلدى، ھازىر يۇقۇملۇق كېسەل كۆپىيىۋاتىدۇ. ھازىر ئاز دېگەندە يەنە 5 مىليون ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىغان چېدىر كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.