پاكىستان باش مىنىستىرى جىلانىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى سۇ ئاپىتىدە 200 دىن ئارتۇق داۋالاش ئورۇنلىرى ۋەيران بولدى، ھازىر 35 مىڭ دوختور، سېستىرانىڭ قۇتقۇزۇشنى يولغا قويىدىغان تورار جايى يوق.
ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى ۋىنستوننىڭ ئېيتىشىچە، بىر مىليون سەككىز يۈز مىڭ ئادەمگە دورا تارقىتىپ بېرىلدى، ھازىر يۇقۇملۇق كېسەل كۆپىيىۋاتىدۇ. ھازىر ئاز دېگەندە يەنە 5 مىليون ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىغان چېدىر كېرەك.