ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستان دائىرىلىرىدىن ئوساما بىن لادېن بىلەن ئالاقىسى بار خادىملارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستان دائىرىلىرىدىن ئوساما بىن لادېن بىلەن يېقىن ئالاقىسى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رازۋېدكا خادىملىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە نە قىلىشىچە، بىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمەلدارى پاكىستان تەرەپنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغا تەلەپلەرنى رەت قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكىنى تولىمۇ بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەرەپ پاكىستان مۇشتەرەك ئىستىخبارات مۇدىرلىقى (ئىسى)دىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملارنىڭ ئوساما بىن لادېن بىلەن «قويۇق ئالاقىسى بار» دەپ قارايدىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، پاكىستان دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ باش گېنېرالى ئاشفاق پەرۋىز كايانى ۋە پاكىستان مۇشتەرەك ئىستىخبارات مۇدىرلىقىنىڭ باشلىقى لېيتېنانت ئەھمەد شۇجا پاشا بىن لادېننىڭ پاكىستاندا ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن.

بۇ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارى: كايانى ۋە پاشىنىڭ بىن لادېننىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن باشتىن ئاياغ خەۋىرى بارلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ يەردىكى بىلىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر پاشىنىڭ يېنىدىكى باشقىلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى بىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانسا ھەيران قالمايمەن.

ئامېرىكا دائىرىلىرى 2- ماي بىن لادېننىڭ پاكىستاندىكى تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلغاندا پاكىستانغا ئىشىنەلمىگەنلىكىنى ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ توغرىسىدا خەۋەرلەندۈرمىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئوساما بىن لادېن 2005- يىلى ئاببوتئابادتىكى داچىسىغا كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى، ئاببوتئابادقا يېقىن يەردىكى بىر كىچىك يېزىدا ئىككى يىل ياشىغان ئىكەن.