ئامېرىكا س س ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى بۇ يەرگە دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن زور ساندا ئادەملەر كەلگەن ئىدى. بىراق، ھازىرچە مەزكۇر ھۇجۇمنى ھېچقايسى تەشكىلات زىممىسىگە ئالمىغان بولۇپ، ئەمما، بۇنىڭدا تالىبانلارنىڭ قولى بارلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن.
سۇفىزم ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئورنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئۆتكەن يىلىمۇ لاھوردا يۈز بېرىپ، 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئىدى.
سۈننى مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئادەتتە سۇفىزىمنى ئىسلامىيەتكە قارشى قىلمىش دەپ ھېسابلاش خاھىشلىرى بار. پاكىستاندىكى سۇفىزم ئېقىمىغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس.