پاكىستان سۋات ۋادىسىدا تالىبانلارغا داۋاملىق زەربە بەرمەكتە

يەكشەنبە كۈنى پاكىستان قوراللىق كۈچلىرى سۋاس ۋادىسىدىكى تالىبان كۈچلىرىگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، تالىبانلار ئىگىلىگەن بىر قانچە نۇقتىلارغا يۈرۈش قىلغان. يەكشەنبە كۈنى بىر قانچە نەپەر تالىبان قوراللىق ئادىمى پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپدىن ئۆلتۈرۈلگەن. پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 13 ئادەم ئۆلگەن.

پاكىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەشەببۇسلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تالىبانلارنىڭ سۋاس رايونىدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم باشلىغاندىن بېرى تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق تالىبان جەڭچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق بۇ توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە ئىككى مىليون ئەتراپىدا ئادەم ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ، ئۆز جايلىرىنى تاشلاشقا ۋە مۇساپىرلار لاگىرلىرىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

پاكىستان تەرەپ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ رايوننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ جايدىكى پاكىستان ھەربىي قوماندانلىرى سۋاستىكا تالىبانلارنى ئۈزۈل - كېسىل يوقاتمىغىچە ئۇرۇشنى توختاتمايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك، ئۇرۇش توختىتىش تەلەپلىرىنىمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سۋاس ۋادىسى تالىبانلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم پاكىستان ھۆكۈمىتى زور بەدەل ۋە ئاھالىلارنىڭ خانىۋەيران بولۇشىغا قارىماي، تالىبانلارنى تولۇق مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.