پاكىستاندا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنىڭ ھۇجۇمىدا 27 ئادەم ئۆلگەن

يېقىندا، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنىڭ پاكىستانغا قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، پاكىستاننىڭ ئافغانىستانغا چېگرىداش بولغان ۋەزىرىستان رايونىدا 27 نەپەر قوراللىق ئادەم ئۆلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-02-14
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى مۇنىر ئەخمەت، ئاسىپ شاھزادلارنىڭ ئىسلامئابادتىن بايان قىلىشىچە، پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ كوماندېرى ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىغان ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنى 'ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانى' دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مۇشۇ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، پاكىستاندا بۇنداق ھاۋا ھۇجۇمىدىن 20 نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن. بۇ قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇم قىلغان جاي، دەل پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ كوماندىرى بايتۇللا مەخسۇت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تۇرىدىغان جاي بولۇپ، بۇ ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ تولىسى ئۈزبېكلەر.

ئىسلامئاباد دائىرىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەگەر بۇنداق ھۇجۇم داۋاملىشىۋەرسە، پاكىستاندا ئامېرىكىغا قارشى كەيپىيات بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ ۋە تالىبانلار بىلەن بولغان كۈرەش مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.
 
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ھازىر قوراللىق توپىلاڭچىلار ھەرىكەت قىلىۋاتقان رايون دەل پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونى، ئامېرىكا پاكىستاننى ئۇچۇق - يۇرۇق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تالىبانلارغا قارشى تۇرىدىغان ئىتتىپاقدېشى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت