بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى مۇنىر ئەخمەت، ئاسىپ شاھزادلارنىڭ ئىسلامئابادتىن بايان قىلىشىچە، پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ كوماندېرى ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىغان ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنى 'ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانى' دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، مۇشۇ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، پاكىستاندا بۇنداق ھاۋا ھۇجۇمىدىن 20 نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن. بۇ قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇم قىلغان جاي، دەل پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ كوماندىرى بايتۇللا مەخسۇت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تۇرىدىغان جاي بولۇپ، بۇ ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ تولىسى ئۈزبېكلەر.
ئىسلامئاباد دائىرىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەگەر بۇنداق ھۇجۇم داۋاملىشىۋەرسە، پاكىستاندا ئامېرىكىغا قارشى كەيپىيات بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ ۋە تالىبانلار بىلەن بولغان كۈرەش مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ھازىر قوراللىق توپىلاڭچىلار ھەرىكەت قىلىۋاتقان رايون دەل پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونى، ئامېرىكا پاكىستاننى ئۇچۇق - يۇرۇق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تالىبانلارغا قارشى تۇرىدىغان ئىتتىپاقدېشى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، دېگەن ئىدى.